خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدىمۇ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

خىتايدا تيەنجېن شەھىرىدە كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ داليەن شەھىرىدىمۇ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1761862
خىتاينىڭ داليەن شەھىرىدىمۇ ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داليەن كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ۋۇخەن ۋىرۇسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، شەھەردە كۆرۈلگەن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەردىن ئېلىنغان ئۆرنەكلەردە، ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خىتايدا ئومىكرون ۋارىيانتى تۇنجى قېتىم 2021-يىلى 14-دېكابىر، 9-دېكابىر چەت ئەلدىن خىتايغا كەلگەن بىر كىشىدە بايقالغان ئىدى. ئارقىدىن 10-يانۋار (2022) خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەنياڭ شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ۋەقەدە ئومىكرون ۋارىيانتى بايقالغان ئىدى. 28-دېكابىر ئومىكرون ۋارىيانتىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ۋەقە كۆرۈلگەن تيەنجېن شەھىرىدە ئەنياڭغا قايتقان بىر ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىسىدا بايقالغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

كېيىنكى كۈنلەردە ئەنياڭدا ئومىكروننىڭ تارقىلىشى سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلار سانى كۆپەيگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر