ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1761619
ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەت ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسىدىن ېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ 5-ۋە 11-يانۋار ئىككى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، « شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز قورال سىستېمىسىغا ئېرىشىش ئۇرۇنىشى خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا دېيىلدى.

باياناتتا، شىمالىي كورېيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرى دائىرىسىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىلدى.

باياناتتايەنە، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئىجابىي دىپلوماتىيىگە قاتنىشىشى، يادروسىزلىنىشقا ئالاقىدار ھەرىكەتلەرنى باشلىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللاردىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىمالىي كورېيە ئەگەر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلمادىكەن ئېمبارغۇلارنى يۈرگۈزىشنى داۋاملشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە 11-يانۋاردا شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ 5-يانۋاردا «ئاۋازدىنمۇ تېز سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى» جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر