يەمەن ۋەكىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يەمەنگە ئىزچىل ياردەم قىلىشقا چاقىردى

ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى خانس گراندبېرگ (Hans Grundberg) ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يەمەندىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىزچىل ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

1761179
يەمەن ۋەكىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يەمەنگە ئىزچىل ياردەم قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى خانس گراندبېرگنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يەمەنگە ياردەم قىلىشقا چاقىرغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، گراندبېرگ ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى جېيمىس كلېۋېرلى ۋە بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەنگلىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

گراندبېرگ ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، يەمەندىكى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ھەربىي جىددىيچىلىك ۋە توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارغا، تىنچلىق ئۇسۇلىدا ئادىل ھەل قىلىش چارىسى تېپىش پۇرسىتى يارىتىشقا كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئۇ: «يەمەندىكى تەرەپلەر مۇزاكىرە يولى بىلەن زوراۋانلىقلارنى ئازايتىشنى ۋە مەسىلىنى كەڭ دائىرىدە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە سىياسىي دىيالوگ مۇساپىسىگە قەدەم بېسىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ ب د ت نىڭ بۇ مۇساپىنى قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەمەنگە ئىزچىل ياردەم قىلىشىنىڭ، تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر