ئاقساراي: رۇسىيەنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ھازىرچە بالدۇر

ئاقساراي رۇسىيەنىڭ ياۋروپادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىدە دىپلوماتىيە يولىنى تۇتۇش توغرىسىدا سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن ھازىرچە بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1761306
ئاقساراي: رۇسىيەنىڭ سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ھازىرچە بالدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى پساكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ جورجيا زىيارىتىدە ھەمراھ بولغان مۇخبىرلارغا، ئايروپىلاندا بايانات بەردى.

ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسى پساكى تۈنۈگۈن (2022-يىلى 11-يانۋار) جەنۋەدە ئېچىلغان بىرىنچى قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا يىغىنى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ: «رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە يولىنى تۇتۇشتا سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىنى ئېيتىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ. رۇسلار ئەستايىدىللىق بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىشكە تەييار بولسا، بىزمۇ تەييار» دېدى.

ئۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قايسى مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم مۇھىم مەسىلىلەر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق باياناتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مىسالغا ئېيتساق، ناتو مەسىلىسىدە مەيدانىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. ناتونىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى پەقەت ئۇكرائىنا ۋە 30 ناتو ئەزاسىغىلا مۇناسىۋەتلىك، باشقا دۆلەتلەرگە ئەمەس» دېدى.

ئۇ: «قايسى يولنى تاللاش رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئىشى. يا دىپلوماتىيە يولىنى تۇتىدۇ، ياكى بولمىسا 2014-يىلى يولغا قويغىنىمىزدىنمۇ ئېغىر بولغان ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى ئىجرا قىلىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ئامېرىكا خادىملىرىغا، ئامېرىكا زېمىنلىرىغا ياكى ئىتتىپاقداشلىرىغا تەھدىت ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالىي كورېيەنىڭ قانۇنسىز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ، رايون مۇقىملىقىنىڭ بۇزۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا خىلاپلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «شىمالىي كورېيەنى تېخىمۇ كۆپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتىن يىراق تۇرۇشقا ۋە دىيالوگ تەرەپتە تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر