خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرلىك ئومىكرون ۋارىيانتى قاتتىق ئەندىشە ياراتتى

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرلىك ئومىكرون ۋارىيانتى تۇنجى قېتىم بايقالغان تيەنجېن شەھىرىدە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1761283
خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ يەرلىك ئومىكرون ۋارىيانتى قاتتىق ئەندىشە ياراتتى
Omicron varyantı.jpg
omicron.jpg
Korona Çin 1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تيەنجېن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان باياناتتا، بىرىنچى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، بۈگۈن (2022-يىلى 12-يانۋار) ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى  بىلدۈرۈلدى.

14 مىليون نوپۇسقا ئىگە تيەنجېن شەھىرىدە 12 مىليون تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى، 7 مىليون 800 مىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان پايتەخت بېيجىڭ بىلەن مۇساپىسى ئاران 100 كىلومېتىركېلىدىغان تيەنجېن شەھىرىدە، تۈنۈگۈن (11-يانۋار) 24 سائەت ئىچىدە يەنە 33 يۇقۇملانغۇچى بايقالدى ۋە ھەممىسىنىڭ يەرلىك ئومىكرون ۋارىيانتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاندى.

خىتاي ۋىرۇس يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرىنى پەيدا بولغان جايدىلا باستۇرۇپ، تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنى مەقسەت قىلغان «نۆل يۇقۇملىنىش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىستراتېگىيە كارانتىنا، ساياھەت چەكلىمىسى ۋە ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش قاتارلىق قاتتىق ھەم كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەرنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خىتايدا بۇ تەدبىرلەرنىڭ، تۇرمۇشنىڭ نورمال ئېقىمىغا تەسىر قازاقىستانقىلىشى ۋە پەيدا قىلغان زور چىقىملىرى پات-پات مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر