خىتاي ئامېرىكانىڭ بەزى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ بەزى ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتايغا ئۇچۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1761380
خىتاي ئامېرىكانىڭ بەزى ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، دېكابىر (2021) ئېيى ئاخىرىدا خىتايغا كەلگەن يولۇچىلارنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)  بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، بەزى ئامېرىكا ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈۈرلدى.

بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (United Airlines) مۇشۇ ئاي (2022-يىل يانۋار) نىڭ ئاخىرلىرىدا بولىدىغان سان فرانسىسكودىن شاڭخەيگە ئالتە ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى  ئېلان قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فېۋرال (2022) ئېينىڭ بېشىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغان خىتاي، ۋۇخەن ۋىرۇسى قايتىدىن كۆپىيىشكە باشلىغاندىن كېيىن، ساياھەت چەكلىمىلىرىنى كۈچەيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن بۇرۇن ۋە خىتايغا كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەن ۋىرۇسى تەكشۈرۈشىنى شەرت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر