ھىندىستان ئاۋازدىنمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى دېڭىزدا سىناق قىلدى

ھىندىستان ئىلغار، ئاۋازدىنمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك «براخموس» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ دېڭىز ۋارىيانتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1761597
ھىندىستان ئاۋازدىنمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى دېڭىزدا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى (DRDO)  تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا،«براخموس ناملىق، ئاۋازدىنمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ دېڭىزدىن دېڭىزغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئىلغار ۋارىيانتى بۈگۈن ۋىساخاپاتنامدا سىناق قىلىندى ۋە بەلگىلەنگەن ھۇجۇم نىشانى پاراخوتقا نەخ تەگدى» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەسى نويابىردىمۇ  ئاۋازدىنمۇ يۇقىى سۈرئەتلىك بىراخموس ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى دېڭىزدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغن ئىدى.

باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مايدا «Su-30 MKI» كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن ۋە سىنتەبىردە بولسا، ئودىشادىكى  ئۇنىۋېرسال سىناق مەيدانىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئىسمىنى ھىندىستاننىڭ براخماپۇترا دەرياسى ۋە رۇسىيەنىڭ موسكۋا دەرياسىدىن ئېلىپ، بىراخموس دەپ ئاتالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىككى دۆلەت تەرىپىدىن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

ئاۋازدىن 2.8 ھەسسە تېز سۈرئەتلىك بىراخوس باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ھاۋادىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە دېڭىزدىن قويۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر