تالىبان ئافغانىستاننىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش مەيدانى بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇتتەقى ئافغانىستاننىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش مەيدانى بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى، بارلىق قوشنىلىرى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا تايانغان مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1760473
تالىبان ئافغانىستاننىڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش مەيدانى بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى ئەمىرخان مۇتتەقى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «ئافغانىستان تەشكىلاتلىرى» ۋە «ئامېرىكا زاكات ۋەخپى» بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن  «ئافغانىستان ئۈچۈن تىنچلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كونفېرانسى» غا سىنلىق قاتناشتى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2020-يىلى فېۋرالدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ، ئافغانىستاندىكى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ چېكىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقان مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەسئۇلىيەتچان تەرەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئافغانىستانغا، دۇنيادا مۇقىملىق، ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە تېخىمۇ ياخشى كېلەچەك بەرپا قلىشتا ئىجابىي رول ئوينىشى ئۈچۈن پۇرسەت بېرىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

ئۇ ئافغانىستاننىڭ ئاۋغۇستت (2021) تا ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ چېكىنىشى ۋە تالىباننىڭ دۆلەت كونتروللۇقىنى قولىغا ئېلىشىنىڭ، ئەندىشە قىلىنغاننىڭ دەل ئەكسىچە ئىنتايىن تىنچلىق مۇھىتى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئافغانىستان ئىسلام ئەمىرلىكى پايتەخت كابۇلغا مىللىي ئىتتىپاقلىق سىگنالى بىلەن كىردى. تىنچلىق، قېرىنداشلىق قوللىرىنى سابىق سىياسىي ۋە ھەربىي رەقىپلىرىگە ئۇزاتتى. تارىختا بۇنداق مەدەنىي، ئىنسانى ۋە ئىسلامىي ئىجرائات ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن قاتار پايتەختى دوھادا ئىمزالىغان كېلىشىمنىڭ، ئافغانىستان بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسلىق رامكىسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«قوشنىلىرىمىز، رايون ۋە دۇنيا بىلەن، ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. چوڭ كۈچلەرنىڭ توقۇنۇش مەيدانى ياكى ھەر قانداق شەكىلدىكى دۈشمەنلىكىنىڭ پارچىسى بولماسلىقىمىز ئۈچۈن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقا تايانغان ھالدا بارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ ئافغانىستاننى ئاسىيادىكى ھەمكارلىق كۆۋرۈكىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمدى ھەرگىزمۇ ھېچكىمنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىنى باشقىلارغا زىيان سېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشغا رۇخسەت قىلمايمىز. باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي مەنپەئەت ۋە تەلەپلىرىگە ھۆرمەت قىلىمىز، بىزمۇ ئوخشاش جاۋابنى كۈتىمىز» دېدى.

ئۇ سابىق ھۆكۈمەتتىن قالغان 500 مىڭ خىزمەتچىنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ھېچكىمگە بىر تەرەپلىمە مۇئامىلە قىلمىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر