شىۋېتسىيە: رۇسىيە ياۋروپاغا خەۋپ شەكىللەندۈرىدىغان ھالغا كەلدى
شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر خۇلتكۋىست، رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەرىكەتلىرىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا، بولۇپمۇ دۆلىتىگە تەھدىتكە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر خۇلتكۋىست پايتەخت ئىستوكھولمدا ھەربىي ۋە مۇداپىئە كۈچى مۇھاكىمە قىلىنغان بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ : «رۇسىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەرىكەتلىرى پۈتكۈل ياۋروپاغا، بولۇپمۇ شىۋېتسىيەگە تەھدىت ئېلىپ كەلدى» دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن خۇلتكۋىست، رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا دوئېل ئېلان قىلىپ، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى شىۋېتسىيەگە نىسبەتەن مۇھىم ۋە بىخەتەر سىياسىي سۇپا ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكانى ئاگاھلاندۇرۇپ، فىنلاندىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالېنا ئاندېرسون ۋىلادىمىر پۇتىنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بىز شىۋېتسىيەدە تاشقى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىمىزنى ئۆزىمىز بېكىتىمىز، (بۇنىڭغا) سىرتتىن ھېچكىم ئارىلىشاشمايدۇ» دېگەنىدى.