رۇسىيە: ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە قارار قىلىش قازاقىستاننىڭ ھوقۇقى

رۇسىيە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى قازاقىستاندىن چېكىندرۈش قارارىنى چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ قازاقىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1760819
رۇسىيە: ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە قارار قىلىش قازاقىستاننىڭ ھوقۇقى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ 2 كۈندىن كېيىن قازاقىستاندىن ئاستا- ئاستا ئايرىلىشقا باشلايدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا باھا بەرگەن پېسكوۋ: «بۇ پۈتۈنلەي كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئىلتىماس قىلغان دۆلەتنىڭ ھوقۇقى. بۇ ئۇلارنىڭ تەھلىلى، بىزنىڭ بۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقىمىز يوق» دېدى.

پېسكوۋ شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا - رۇسىيە بىخەتەرلىك سۆھبىتى توغرىسىدا توختىلىپ: «ھازىرچە ئۈمىدۋار بولغۇدەك بىرەر سەۋەب كۆرمەيۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ بۇ سۆھبەتنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ بىر جەريان شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن قىلغان ئىش ئەمەس. بۇ قانائەتلىنەرلىك بىر ئىش بولالمايدۇ. چۈنكى بۇ يەردە نەتىجە مۇھىم، نەتىجە توغرىسىدا تېخى بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پېسكوۋ كەلگۈسىدە يېڭى سۆھبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر