ب د ت ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى باشلىدى

ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىپى ۋە جىددىي ياردەم كوردىناتورى مارتىن گرىفىس (Martin Griffiths) ئىنسانىي كىرىزىس يۈز بەرگەن ئافغانىستان ئۈچۈن 4.4 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

1760691
ب د ت ئافغانىستان ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكىتى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن كاتىپى ۋە جىددىي ياردەم كوردىناتورى مارتىن  گرىفىس، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى (Filippo Grandi) ب د ت نىڭ شىۋېيتسارىيە پايتەختى جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئافغانىستان ئۈچۈن باشلانغان يېڭى ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ تالىبان 15-ئاۋغۇست (2021) ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندىن بۇيان ئافغانىستان خەلقىنىڭ يېڭى ھەقىقەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ: «ئافغانىستاندىكى ئىنسانىي ۋەزىيەتكە نىسبەتەن خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ پىلانلارنى تۈزۈشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاننىڭ بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۈگۈن ئافغانىستان ئۈچۈن 4.4 مىليارد دوللار قىممىتىدە ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلايمىز. بۇ ياردەم مىقدارى بىر دۆلەت ئۈچۈن قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى بولۇپ، 2021-يىلى يىغىلغان پۇلدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندا 2 مىليوندىن ئارتۇق پۇقرانىڭ دۆلەت ئىچىدە يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 23 مىليون كىشىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ۋە بەش ياشتىن تۆۋەن 1 مىليونغا يېقىن بالىنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقلىنالماسلىق خەتىرى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئائىلىلەر ياشاۋاتقان جايلاردا يېمەك-ئىچمەك، دېھقانلار تېرىقچىلىق قىلىدىغان جايدا ئۇرۇق ۋە ئافغانىستاندىكى دوختۇرخانىلارنى داۋالاش ئۈسكۈنلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز. يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ: «پىلان قىلىنغان 4.4 مىليارد دوللارلىق ياردەم ھەرىكىتى، ئافغانىستاندىكى بارلىق ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامداشقا يېتىدۇ. 2021-يىلدىكى ياردەم ھەرىكىتىدە نىشان قىلىنغان ياردەم مىقدارىنى يىغالىدۇق. خەلقئارالىق جەمئىيەتلەر بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلدى. بۇ يىلمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەنىڭ نامايان قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى مەزكۇر ياردەم سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ، ئافغانىستاننى ئىچكى مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك كۆچ كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئافغانىستاندا سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «15-ئاۋغۇستتىن بۇيان دۆلەتتىن ئايرىلغان ئافغانىستانلىقلارنىڭ 170 مىڭى قايتتى. كىشىلەرنىڭ قايتىشى، تالىبان بىلەن بۇرۇنقى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىكى توقۇنۇشلار ۋە دۆلەتتىكى بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى تۈرتكە بولدى. بۇ ئەھۋال يەنە بىر قېتىم بىخەتەرلىك مۇھىتى پەيدا قىلدى. بىز بۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاندىن كۆچۈشكە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسقا قارشى ئافغانىستان مۇساپىرلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان رايون دۆلەتلىرىنىڭ كىرىزىسنى پەسەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رايون دۆلەتلىرىنىڭ سىرتىدا نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلارغا ساھىبخانلىق قىلغان تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر