شىۋىيېتسارىيەلىك ژۇرنالىست پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى قىيىن - قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى

شېۋىتسارىيەلىك ژۇرنالىست كۇرت پېلدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ شېۋىيېتسارىيە قۇرۇلمىسىدىكى ئالتە تېررورچىنىڭ، جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن بىر پىززاچىغا يۈرگۈزگەن قىيناش ئۇسۇللىرىنى يازدى.

1759903
شىۋىيېتسارىيەلىك ژۇرنالىست پ ك ك نىڭ ياۋروپادىكى قىيىن - قىستاققا ئېلىش قىلمىشلىرىنى پاش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «بېرنېر زېيتۇڭ» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى پېلدا،  «بىئېلدىكى بىر پىززاچىنىڭ ئىسكىلاتىدىكى قىيناش ئۇسۇللىرى» ناملىق خەۋىرىدە، شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ پ ك ك بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شېۋىتسارىيەلىك ژۇرنالىستنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسمى ئايدىن ك غا ئۆزگەرتىلگەن ۋە  بىر رېستوراندا پىززاچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان قىيىن – قىستاق قۇربانى، پ ك ك ئەزاسى ئالتە تېررورچى تەرىپىدىن ئالتە سائەتتىن ئارتۇق سوراق قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىتكە ئۇچرىغان.

رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى مۇپەتتىشىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەيىبنامىىسىدە، پ ك ك ئەزاسى ئالتە كىشىنىڭ 2019 – يىلى مايدا بىر رېستوراننىڭ ئىسكىلاتىدا ئايدىن ك غا «رەھىمسىزلەرچە قىيناش»، «مەجبۇرىي ئىقرار قىلىشقا قىستاش» ۋە «ئۇرۇش»تەك قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تېررورچىلار بۇ قىلمىشلارنى، ئايدىن ك.نى تۈركىيەدە قولغا ئېلىنغان پ ك ك ئەزاسى بىر رېستوران خوجايىنىنى ساقچىلارغا مەلۇم قىلدى، دېگەن ئەيىبلەپ سادىر قىلغان؛ ئايدىن ك. بولسا ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنامىسىدە، پ ك ك گۇماندارلىرىنىڭ ئايدىن ك.نى پىززاچىنىڭ سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا ئىككى قېتىم 10 مىنۇت ئەتراپىدا سولاپ قويغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا «بارلىق سۆڭەكلىرىنى سۇندۇرۇپ، پارچىلىۋېتىدىغانلىقى، ئەتىسى ئەتىگەنگىچە توڭلاتقۇدا قويۇپ قويدىغانلىقى»نى ئېيتىپ قايتا - قايتا تەھدىت سالغانلىقى، ھەتتا پەرزەنتلىرىنى فوتو – سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن قورقۇتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ژۇرنالىست پېلدا، قىيىن - قىستاققا قاتناشقان 6 كىشىنىڭ 4 نەپىرىنىڭ سوتقا تارتىلغانلىقىنى، كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان بىر كىشى بىلەن دەنىز د.نىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن قېچىپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

پېلدا شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ دېلوغا قارىتا قوللانغان تەدبىرلىرىگە «دەتالاشلىق» دەپ باھا بېرىپ، شىۋېيتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى دەنىز د. بىلەن يەنە بىر كىشىنىڭ قېچىپ كېتىشىدە جاۋابكارلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پېلدا شىۋېيتسارىيە- پ ك ك مۇناسىۋىتىگە ئورۇن بېرىلگەن خەۋىرىدە: «كىملىكى ئېنىقلىنالمىغان قىيىن – قىستاقچىلارنىڭ بىرى بىلەن دەنىز ك قېچىپ يۈرمەكتە. بۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس پىززاچىدىكى ۋەقەدىن غەزەپلەنگەن بىر فېدېراتىيەسى خادىمى، شىۋېتسىيارىيەدىكى پ ك ك رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، دەنىز د. دەرھال نەرسە - كېرەكلىرىنى چاماداننى يىغىشتۇرۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كەتتى. بىئېل تەپتىش ئەمەلدارى دەسلەپتە پەقەت دۆلەت تەۋەلىكىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى، دەنىز د. بۇ سەۋەبتىن قېچىپ كېتەلىدى. دائىرىلەرنىڭ پ ك ك نى ئوچۇق - ئاشكارا شەكىلدە پاش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن ئىشارەتلەر بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر