نىيۇ يورك شەھىرىدە بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ئوت كەتتى

نىيۇ يوركنىڭ برونكس ترېمونت (Bronx'ın Tremont) رايونىدىكى بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ئوت كېتىپ، 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە توققۇز كىچىك بالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1759978
نىيۇ يورك شەھىرىدە بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىيۇ يورك پاژارنى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى دانىيېل نىگرو (Daniel Nigro) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، برونكس ترېمونت رايونىغا جايلاشقان 19 قەۋەتلىك بىناغا ئوت كەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا بىر ئۆيدىكى توكلۇق ئىسسىتقۇنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ توققۇز كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئوت كېتىش ۋەقەسىدە، ئوت كەتكەن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق بولۇشى سەۋەبىدىن ئىس-تۇمانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىرىدىكى قەۋەتلەرنى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى ۋە 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتىدا، ۋەقەدە جېنىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ 16 ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك ئىكەنلىكى، بىنادىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گامبىيەدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ۋەقەدە، بىنادىكى 63 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 32 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

نىيۇ يورك پاژارنى ئىدارىسىنىڭ كومىسسارى دانىيېل نىگرو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 200 نەپەر خادىمنىڭ ئوت ئۆچۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نىيۇ يورك شەھەرلىك ھۆكۈمىتى توققۇز كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئىس-تۇمانلاردىن زەھەرلەنگەن كىشىلەرنىڭ يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر