پاكىستاندا 16 كىشى توڭلاپ ئۆلدى

پاكىستاننىڭ مۇررې شەھىرىدە قاتتىق قار يېغىش سەۋەبىدىن ئاپتوموبىللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 16 كىشى توڭلاپ قازا قىلدى.

1759332
پاكىستاندا 16 كىشى توڭلاپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پايتەخت ئىسلامئابادنىڭ 70 كىلومېتىر يىراقلىقىغا جايلاشقان مۇررې شەھىرىدە ۋە گالىيات رايونىدا، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردىن ئېتىبارەن يېغىشقا باشلىغان قاتتىق قار سەۋەبىدىن ئاپتوموبىللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 16 كىشى توڭلاپ قازا قىلغان.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ راشىد ئەھمەد، ھەپتە ئاخىرى دەم ئېلىشتا رايوندا ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن قاتناشنىڭ ئاقساپ قالغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ساياھەت رايونىغا، شەھەر سىرتىدىن 125 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر