بلىنكېن: ئۇكرائىنا مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئۇكرائىنا مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىسا رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1759260
بلىنكېن: ئۇكرائىنا مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىسا سۆھبەت ئۆتكۈزمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترى كۇلېبا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، مىنىستىر بلىنكېن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئالدىدا ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش مەسىلىسىدە ھەر دائىم كىيېۋ تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئىككى مىنىستىر، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولغان ئىنكاسلىرى ۋە رۇسلار بىلەن دىپلوماتىك ئۇچۇر – ئالاقە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، مىنىستىر بلىنكېن،  ئۇكرائىنا مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىسا، رۇسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دىپلوماتلىرى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى چاقىرىلىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – رۇسىيە ئىستىراتېگىيەلىك سۆھبەت يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر