سۇداندىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە

سۇداندا ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان 25-ئۆكتەبىر (2021) دىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، 60 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1758679
سۇداندىكى نامايىشلاردا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندا ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان 25-ئۆكتەبىر (2021) دىن بۇيان ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلاردا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە 60 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇدان مەركىزىي دوكتورلار كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، تۈنۈگۈن (2022-يىلى 6-يانۋار) ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇمدۇرمان شەھىرىدە ئىككى، باھرى رايونىدا بىر كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، بۇنىڭ بىلەن، 25-ئۆكتەبىر (2021) دىن بۇيان دەلىللەنگەن ئۆلۈم سانىنىڭ 60 قا چىققانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتلىرىنىڭ چاقىرقى بىلەن پايتەختنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىشچىلارغا ئاۋاز ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، يۇقىرى بېسىملىق سۇ چېچىپ تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنغان ئىدى.

سۇدان دائىرىلىرى نامايىشلاردىن بۇرۇن پايتەختكە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈكلەردە قاتناشنى توختىتىپ، تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتنى ئۈزۈۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر