چۇڭچىڭ شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇلوڭ رايونىدا ھۆكۈمەت بىناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

1759050
چۇڭچىڭ شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ۋۇلوڭ رايونىدا ھۆكۈمەت بىناسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ خارابىلىك ئاستىدا قالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدە بىر ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئاشخانىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە، بىنانىڭ بىر قىسمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بولۇپ، 20 دىن ئارتۇق كىشى خارابىلىك ئاستىدا قالغان.

پارتلاشنىڭ گاز چىقىپ كېتىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، پارتلاش كىشىلەر چۈشلۈك دەم ئېلىشتا تاماق يەۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. ئەمما، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر