ئەنگلىيە ئىراننى يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋاقتىنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئىراننىڭ يادرو پىلانى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋاقتىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1757241
ئەنگلىيە ئىراننى يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋاقتىنىڭ قىستاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرلىك ئىشخانىسى — 10 نومۇر بايانات ئېلان قىلىپ،  بورىس جونسوننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت بىلەن تېلېفونلىشىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىغا قارشى كۈرەش، ئەركىن سودا كېلىشىمى ۋە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا داۋاملىشىۋاتقان ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق سۆھبەت قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفون سۆھبىتىدە باش ۋەزىر جونسوننىڭ، ئەنگلىيەنىڭ «سۆھبەتنىڭ يادرو كېلىشىمىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىراق، بۇنداق بولۇشى ئۈچۈن ئىراننىڭ سەمىمىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسۇن: «دىپلوماتىك ئىشىك ئوچۇق، ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلىش ۋاقتى قىستاپ كەلمەكتە» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر