شىئەندە يېمەك-ئىچمەككە نەرسە-كېرەكلەر ئالماشتۇرۇلماقتا

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 23-دېكابىر (2021) دىن تارتىپ كارانتىن تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنىۋاتقان شىئەن شەھىرىدە، خىتاي خەلقى كۈندىلىك يېمەك ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن نەرسە-كېرەكلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرماقتا.

1757482
شىئەندە يېمەك-ئىچمەككە نەرسە-كېرەكلەر ئالماشتۇرۇلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىش-چىقىش چەكلەنگەن 13 مىليون نوپۇسلۇق شىئەن شەھىرىدە، 28-دېكابىردىن تارتىپ كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خەلققە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئاساسلىق يېمەكلىك ئەشيالىرى تارقىتىلماقتا. ئەمما، بەزى كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكى ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكى توغرسىدىكى خەۋەرلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىشقا باشلىدى.

ۋېيبو تورىدا، كارانتىن ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئۈچۈن تاماكا، تازىلىق ماتېرىياللىرى ۋە ھەتتا ئېلېكترونلۇق بۇيۇملىرىنى يېمەكلىككە ئالماشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى.

بىر كىشىنىڭ تور ئويۇن سۇپىسىنى بىر بولاق تەييار چۆپ ۋە ئىككى مانتىغا ئالماشتۇرغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ھەمبەھرلەندى.

شىئەندە 9-دېكابىر (2021) دىن بۇيان ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانى 1793 كە چىقتى.

شىئەن سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما گۇاڭخۇي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كارانتىن نەتىجىسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك كۈنلۈك  ۋەقە سانىنىڭ بىر خانىلىق سانغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقىلىشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە كونترول ئاستىغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر