شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1757351
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبۇئو، «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىقى مەلۇم بىر نەرسىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىن شەرقىي يۆنىلىشكە قاراپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى»نى بىلدۈردى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ دۆلەت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشتى، دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئومۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بومبا سىناقلىرىدىن «ئىنتايىن ئەپسۇسلانغانلىقلىرىنى» بىلدۈردى.

ئۇ، رايوندىكى دېڭىز ۋە ھاۋا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلۈشى ۋە ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى نەزەردە تۇتۇپ زىيان ئېنىقلاش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 8 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا يېقىندىن كۆزەتكەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر