ب د ت: ئۇكرائىناغا قارشى ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالىمايمىز

ب د ت ئۇكرائىناغا قارشى قىلىنىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1757291
ب د ت: ئۇكرائىناغا قارشى ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالىمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن رۇسىيە رەھبىرى پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۇلغىيىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ كىشىنى ئەندىشەگە سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «قەيەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇكرائىناغا قارشى قىلىنىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتنى كۆرۈشنى خالىمايمىز» دېدى.

ئۇ يىرىكچىلىكلەرنى پەسەيتىش ئۈچۈن دىيالوگنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ يېقىنقى كۈنلەردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىشى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىشى مۇمكىن دەيدىغان ئەندىشەنى ۋە غەرب بىلەن موسكۋا ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى كۈچەيتتى.

يىرىكچىلىكلەرنى پەسەيتىش چاقىرقلىرى ۋە بۇ ھەقتە ئۇچرىشىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ناتو كېلەر ھەپتە خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر