ئىراقتا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىراقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەين ئەلئەسەد بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى بومبا قاچىلانغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
1756876
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ھەربىي دائىرىلىرى، ھۇجۇمنى خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ توسۇپ قالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇم نىشانى بولغان ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئەين ئەلئەسەد ھەربىي بازىسىدا خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ مەسلىھەتچىلىرىمۇ تۇرىدۇ.
دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملارغا قاراشلىق جەڭچى قىسىملارنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ دېكابىر ئېيىدا ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.
بىرلەشمە قىسىملار ئەنبار ۋىلايىتىدىكى ئەين ئەلئەسەد بازىسىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلىرىنى ئىراق ئارمىيەسىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى.
تۈنۈگۈنمۇ ئىراقتىكى باغداد خەلقئارا ئايرودرومىغا ئەۋەتىلگەن بومبا قاچىلانغان 2 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.