ئىراقتا 20 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
ئىراقتىكى 12 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 20 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.
1756994
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ساقچىلىرى بىر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن بابىل شەھىرىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىردى؛ ئۆيدىكىلەرنىڭ ساقچىلارغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئائىلىدىن 12 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.