موزامبىك پىرېزىدېنتى ۋە رەپىقىسىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى
موزامبىك پىرېزىدېنتى فىلىپ نىيۇس بىلەن رەپىقىسى ئىسائۇرا نىيۇسنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
1756625
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موزامبىك پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ: «پىرېزىدېنت نىيۇسى ۋە رەپىقىسى ئىسائۇرا نيۇسى كوۋىد -19 دىن يۇقۇملاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھەر ئىككىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
موزامبىكتە ھازىرغىچە 193 مىڭ 371 ئادەمدە كوۋىد – 19 ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، بۇلاردىن 2 مىڭ 31 ئادەم قازا قىلدى.