ھايتى باش مىنىستىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ئەسناسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ھايتى باش مىنىستىرى ئارىئېل ھېنرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.
1755975
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھايتى تاراتقۇلىرى، باش مىنىستىر ھېنرى مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ 218 يىللىقى تەبرىكلەنگەن گونايۋىس شەھىرىدىكى چېركاۋدىن ئايرىلىۋاتقاندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى؛ ھېنرىنىڭ ھۇجۇمدىن ساق-سالامەت قۇتۇلغانلىقىنى، ئەمما، ھۇجۇم نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نامەلۇم بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە باشقا بىر قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.