ئېلون ماسك خىتاينىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى

ئالەم بوشلۇقى تېخنىكا شىركىتى «SpaceX» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئېلون ماسك ئالەم بوشلۇقىدا مىلياردلىغان سۈنئىي ھەمراھ ئۈچۈن يېتەرلىك ئورۇن بارلىقىنى ئېيتتى.

1754775
ئېلون ماسك خىتاينىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى
spacex.jpg
nasa spacex.jpg
spaceX-UUİ.jpg
spacex-predstavio-putnicku-kapsulu-dragon_trt-bosanski-27663.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستارلىنك سۈنئىي ھەمراھلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ ئالەم پونكىتىنى خەۋپكە ئېتتىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئېلون ماسك خىتاينىڭ ئەيىبلەشلىرىگە جاۋاب قايتۇردى.

ئېلۇن ماسك «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «SpaceX» ۋە Starlink سۈنئىي ھەمراھلىرى يەرشارى ئوربىتىسىدا بەك كۆپ بوشلۇقنى ئىگىلىۋالدى، دېگەن ئورۇنسىز ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ئېلۇن ماسك: «ئالەم بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ، سۇنئىي ھەمراھلار بەك كىچىك. بۇ يەردە بىز باشقىلارغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلغان ئىش يوق. بىز ھېچكىمنىڭ بىر ئىش قىلىشىنى توسۇپ باقمىدۇق، توسۇپ قىلىشنىمۇ مۆلچەرلىمەيمىز» دېدى.

«SpaceX» ھازىرغا قەدەر 2000 غا يېقىن «Starlink» سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتىغا ئەۋەتتى، بۇ شىركەت سۈنئىي ھەمراھلار ئارقىلىق ئىنتېرنېت تورىنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن جەمئىي 40 مىڭدىن ئارتۇق سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىماقتا.

خىتاي ب د ت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىگە ئېلون ماسك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ستارلىنك لايىھەسى ئۈچۈن ئوربىتىغا ئەۋەتىلگەن سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئالەم پونكىتىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى داۋا قىلغان ئىدى.

خىتاي دۆلەت ئالەم پونكىتىنىڭ ستارلىنك سۈنئىي ھەمراھلىرى بىلەن ئىككى قېتىم «يېقىندىن ئۇدۇل كېلىپ قالغانلىقىنى» ۋە ھادىسە يۈز بېرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇرۇلۇشقا  مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ بۇ ئاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالەم قاتنىشى ئىشخانىسىغا تاپشۇرغان شىكايەتنامىسىدا، مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ 1-ئىيۇل ۋە 21-ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر