سۇداندا ب د ت غا تەۋە 1900 توننا يېمەكلىك بۇلاپ كېتىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) سۇداننىڭ ئېل فاشەر شەھىرىدە دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى (WFP) تەرىپىدىن بىر ئاي ئىچىدە 730 مىڭ كىشىگە تاقىتىش پىلانلانغان 1900 توننا يېمەكلىكنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1754830
سۇداندا ب د ت غا تەۋە 1900 توننا يېمەكلىك بۇلاپ كېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىج ب د ت مۇئەسسىسەلىرىگە ۋە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان بۇلاڭچىلىق ۋە ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ستېفان دۇجاررىج سۇداننىڭ ئېل فاشەر شەھىرىدە 28-دېكابىر كەچتە دۇنيا ئاشلىق تەشكىلاتى (WFP) نىڭ ئىشخانىسىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ۋە  بىر ئاي ئىچىدە 730 مىڭ كىشىگە تاقىتىش پىلانلانغان 1900 توننا يېمەكلىكنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ستېفان دۇجاررىج ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ سۇدان ھۆكۈمىتىنى دۆلەتنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشقا ۋە ب د ت نىڭ ياردەم پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىخەتەر خىزمەت مۇھىتى يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر