شىمالىي كورېيە ئەسكەرلەردىن دۆلەت رەھبىرىنى قان تېكىپ قوغداشنى تەلەپ قىلدى

شىمالىي كورېيە ئەسكەرلەردىن دۆلەت رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئارقىسىدا مەھكەم تۇرىشىنى ۋە رەھبىرىنى جېنىنى تېكىپ قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

1754641
شىمالىي كورېيە ئەسكەرلەردىن دۆلەت رەھبىرىنى قان تېكىپ قوغداشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىمنىڭ ئارمىيە باش قوماندانى بولغانلىقىنىڭ 10 - يىللىقىدا، كورېيە ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ رەسمىي نەشىر  ئورگىنى «رودوڭ سىنمون» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، ئەسكەرلەر ۋە قوماندانلارنىڭ رەھبىرىنى جېنىنى تېكىپ قوغدايغان، مۇستەھكەم قەلئە ۋە ئوق ئۆتمەس  سىپىلغا ئوخشاش بولۇشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.

ماقالىدە دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىشەنچلىك قوغدىغۇچىسى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان تېخىمۇ زامانىۋى ۋە ئىلغار ئارمىيە قۇرۇش چاقىرىقى ئېلان قىلىندى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شىمالىي كورېيە ھەربىي قىسىملىرى ۋە خەلقنىڭ كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كىمنىڭ رەھبەرلىكىنى قوللىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر