چەت ئەل كۈچلىرى ئىراقتىن چېكىندى

ئىراق ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بارلق كۈچلەرنىڭ دۆلەتتىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1754480
چەت ئەل كۈچلىرى ئىراقتىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى مۇستافا ئەلقازىمى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ  تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ھەم ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، بارلق كۈچلەرنىڭ ۋە ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ دۆلەتتىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەنلىكىنى، خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىسىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك دىيالوگلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، پەقەت قوللاش ۋە تەۋسىيەلەردە بولۇش بىلەنلا چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابىغا، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىدىكى دۆلەتلەر، قوشنا ئەللەر ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئىراق كۈچلىرىنىڭ خەلقىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش، 2014 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا، ئىراقنىڭ مۇسۇل، سالاھىدىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ پۈتكۈل قىسمىنى، دىيالە ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، مەزكۇر رايونلار كېيىنكى يىللاردا دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىنغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى، 2014 – يىلدىن بۇيان ئىراق كۈچلىرىنى ئەشيا ئوبوروتى، ئاخبارات ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقانىدى.

باغداد ۋە ۋاشىنگتون ھۆكۈمەتلىرى، ئىيۇل ئېيىدا ئىراقتىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ يىل ئاخىرلىرىغىچە دۆلەتتىن چېكىنىشى توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.

ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن ئىراق، 9 – دېكابىر كۈنى، ئىراقتىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر