ياپونىيە ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىدە رېكورت ياراتتى

ياپونىيەنىڭ ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتى ئاياللاردا 75 ياشقا ۋە ئەرلەردە 72 ياشقا يېتىپ، رېكورت ياراتتى.

1754108
ياپونىيە ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىدە رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھەر 3 يىلدا تەخمىنەن 200 مىڭ ئائىلىدە ئېلىپ بارىدىغان تەتقىقاتنىڭ 2019-يىللىق نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ساغلام،  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ئاياللاردا 75.38 ياشقا ۋە ئەرلەردە 72.68 ياشقا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا ، تەتقىقات باشلانغان 2001-يىلدىن بۇيان مەزكۇر نىسبەتنىڭ ھەم ئاياللاردا، ھەم ئەرلەردە داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقى، ئۆلكىلەرگە كۆرە ئېلىپ ئېيتقاندا، مىيېدىكى ئاياللار ۋە ئوتادىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ساغلام ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كيوتودىكى ئاياللار ۋە ئىۋاتېدىكى ئەرلەرنىڭ بولسا، ساغلام ئۆمرىنىڭ ئەڭ قىسقا بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر