تۈركىيە ناتودىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە 1-يانۋار شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودىكى ئەڭ يۇقىرى تەييارلىق ھالىتىدىكى ھەربىي قىسىم بولغان «ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەسىدىكى بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى»نىڭ قوماندانلىق ھوقۇقىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

1754289
تۈركىيە ناتودىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى فىرانسىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدىن قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان فىرانسىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل بويىچە ناتو قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىقىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مەزكۇر قىسىمنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى 2022 – يىلى 3500 ئەسكەردىن تەركىب تاپىدىغان فىرانسۇز – گېرمان بىرىگاداسى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە ۋە پولشامۇ بۇ قوماندانلىققا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ.

ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەسىدىكى بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قالايمىقانچىلىقلارغا ئوخشاش ھەر خىل بىخەتەرلىك مۇھىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ 2014 – يىلى قۇرۇلغانىدى.

گوللاندىيەدىكى ناتو ئىتتىپاقداش ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى قوماندانلىقىدىكى 40،000 كىشىلىك ناتو جەڭچى قىسىملىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىنتايىن يۇقىرى تەييارلىق سەۋىيەسىدىكى بىرلەشمە ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى، ئىتتىپاقنى قوغداش ئۈچۈن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدىغان ھالەتتە ۋەزىپە كۆتۈپ تۇرىدۇ.

بۇ قىسىمنىڭ قوماندانلىقىنى ھەر يىلى  ناتوغا ئەزا باشقا بىر ئىتتىپاقداش دۆلەت ئۈستىگە ئالىدۇ. فىرانسىيە 2023-يىلى 1-يانۋاردا ۋەزىپىنى گېرمانىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر