نىگېرىيەدە كېمە قازاسى يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە كېمە قازاسى يۈز بېرىپ يەتتە ئادەم قازا قىلدى.

1754042
نىگېرىيەدە كېمە قازاسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرى، نىگېر ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدىن يەنە بىر يېزىغا بارىدىغان يولۇچىلارنى ئېلىپ يولغا چىققان كېمىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىپ، يەتتە يولۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئافرىقانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى دەريا تىرانسپورتىدا ئىشلىتىلىۋاتقان كېمىلەرگە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ يولۇچى ئېلىنىدىغان بولغاچقا، پات – پاتلا كېمە غەرق بولۇپ كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر