خوڭكوڭدا ساقچىلار ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلماقتا

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا ساقچىلار ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاخبارات ئورگىنىغا بېسىپ كېرىپ 6 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

1754182
خوڭكوڭدا ساقچىلار ئۆكتىچىلەرنى تۇتقۇن قىلماقتا
çin kanada hong kong.jpg
TARİHTE BUGÜN_01 TEMMUZ_HONG KONG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا 2020-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان بىخەتەرلىك قانۇنى دائىرىسىدە قولغا ئېلىنغان 6 كىشىنىڭ شەھەردىكى دېموكراتىيەنى قوللايدىغان ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «Stand News» بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى ۋە بۇ قېتىمقى بېسىپ كېرىپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە 200 ساقچىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار «ئىغۋاگەرچىلىك تارقىتىش» دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭمۇ ئاختۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىدى.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا «Stand News» نىڭ بىرسى ھازىرقى ۋە يەنە بىرسى سابىق  ئىككى تەھرىرىدىن باشقا يەنە، تۆت سابىق مۇدىرىيەت ئەزاسىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم.

خىتاينىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا 2020-يىلى 30-ئىيۇن بىردەك ماقۇللانغان قانۇن پىرېزىدېنت شى جىنپىڭ تەرىپىدىنمۇ تەستىقلانغان ئىدى.  

بۆلگۈنچىلىك، دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ۋەتەنگە خىيانەت قىلىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۇش خاراكتېرلىق ھەرىكەتلەرنى چەكلەيدىغان بۇ قانۇن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن كېيىن، خوڭكوڭدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان ئىدى.

بۇ قانۇن؛ مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن ئەسلىدە 2019-يىلى ئىيۇندا جىنايەتچىلەرنىڭ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىگە قارشى ئەينى چاغدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەرنى ھۇجۇم نىشان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #خىتاي , #خوڭكوڭ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر