بايدىن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە رايوندىكى يەتتە دۆلەتكە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

1754025
بايدىن ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كوۋىد – 19 نىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە رايوندىكى يەتتە دۆلەتكە قارىتا يولغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇلۇرۇشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىدى.

ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ۋىرۇسنىڭ ئومىكرون ۋارىيانتىنىڭ ئامېرىكادا تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىدىن كېيىىن 8 ئافرىقا دۆلىتىگە قارىتىلغان ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ 31 – دېكابىردىن ئېتىبارەن بىكار قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان قارارنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بايدىن 11 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جەنۇبى ئافرىقا، بوتسۋانا، زىمبابۋې، نامىبىيە، لېسوتو، ئېسۋاتىنى، موزامبىك ۋە مالاۋى قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغانىدى.

چەكلەش دائىرىسىدە ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش ئىجازەتنامىسى بولمىغان كىشىلەر بۇ دۆلەتلەردىن ئامېرىكاغا بارالمايتتى.

بايدىن 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر