گارىباشۋىلى: تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى لازىم

گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى گارىباشۋىلى تۈركىيە بىلەن مەۋجۇت ئىستىراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەردىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

1753471
گارىباشۋىلى: تۈركىيە – گىرۇزىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  باش مىنىستىر گارىباشۋىلى، گىرۇزىيەنىڭ «‹Imedi› تېلېۋىزىيەسى» گە بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ 2021 – يىلى يولغا قويغان ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرى، يىل بويى ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۇ، گىرۇزىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن يېقىن، دوستانە ۋە قېرىنداشلارچە مۇناسىۋەتلىرىمىز بار.»

ئىيۇن ئېيىدا پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن گارىباشۋىلى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مېنى ئالاھىدە ۋە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن، تېلېفون سۆھبەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ ساندا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق، دۇرۇس، ناھايىتى ئوچۇق - يورۇق ۋە سەمىمىي مۇناسىۋەتلىرىمىز بار.»

تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ناھايىتى مۇھىم دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە گىرۇزىيەنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان گارىباشۋىلى، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە رايوندا ناھايىتى مۇھىم ئاكتىيور بولۇپ، ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىقتىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز، بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىزچىل ساقلاپ قېلىشىمىز، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىمىز كېرەك، مېنىڭ ھەممە جەھەتتىكى قارىشىم ۋە پوزىتسىيەم مانا مۇشۇنداق بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ  ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇشى مېنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ.»

ئۇ، كۈچلۈك بىر ھەمكارلىق بولماي تۇرۇپ، رايوندا سودا – ئىقتىساد، ئېنېرگىيە لايىھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر