ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ قۇرۇلتىيى چىكاگودا باشلاندى
ئامېرىكالىق مۇسۇلمانلارنىڭ نۇقتىلىق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان «MAS-ICNA» قۇرۇلتىيىنىڭ 20 – نۆۋەتلىكى بۇ يىل چىكاگودا باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوۋىد-19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن بۇلتۇر توردا ئۆتكۈزۈلگەن «MAS-ICNA» قۇرۇلتىيى بۇ يىل يۈزتۇرانە ئۆتكۈزۈلمەكتە.
بۇ يىللىىق تېمىسى «قىيىنچىلىقتا رەھمەت بار» دەپ بېكىتىلگەن بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئونمىڭلىغان مۇسۇلمانلارنى شىمالىي ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلتاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزى ماككورمىك مەيدانىدا بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
تۈركىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق دىنىي ئىشلار مەركىزىمۇ كۆرگەزمەخانا ئېچىىپ تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىنمۇ قۇرۇلتايدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
نۇرغۇن ئېتنىك ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرۇلتاي سەيشەنبە كۈنى يېپىلىش يىغىنى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە ئىككى كىشى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى
گېرمانىيەدە ئىككى كىشى چەت ئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.