ياپونىيە مەلىكىسى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغان بىر ئەر  ئوغرىلىقچە ئىمپېرىيە ئوردۇسىغا كىردى

ياپونىيەنىڭ ئىمپېرىيە ئوردىسى مەيدانىغا ئوغرىلىقچە كىرگەن جىنايەت گۇماندارى ساقچىلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ئوردىغا 20 ياشلىق مەلىكە ئايكو بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

1752708
ياپونىيە مەلىكىسى بىلەن تونۇشۇشنى خالايدىغان بىر ئەر  ئوغرىلىقچە ئىمپېرىيە ئوردۇسىغا كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمى ئاشكارىلانمىغان 56 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى بىخەتەرلىك توساقلىرىدىن ئۆتۈپ، توكيودىكى ئىمپېرىيە ئوردىسى مەيدانىغا كىردى.

توكيو ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈنۈگۈن ئوردىنىڭ ھىراكاۋا مون ناملىق كىرىش ئېغىزىغا يامىشىپ، مەيدانغا كىرگەن كىشىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ دەرھال نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

جىنايەت گۇماندارى ساقچىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىمپېراتور نارۇخىتو ۋە ئىمپېراتور خانىشى ماساكونىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى بولغان 20 ياشلىق مەلىكە ئايكو بىلەن تونۇشماقى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

دىكابىردىمۇ ياپونىيە ئىمپېراتورى نارۇخىتو ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تۇرىدىغان ئاكاساكا ئىمپېرىيە سارىيىدىكى تۇرالغۇ بىناسىغا رۇخسەتسىز بۆسۈپ كىرگەن يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى ئىمپېرىيە قاراۋۇللىرى تەرىپىدىن نازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.

قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان مېھمانخانا ئارقىلىق ئوردىغا ئوغۇرلۇقچە كىرگەن 29 ياشلىق ئەر 2 سائەتتىن كېيىن بايقالغان ئىدى.

قولغا ئېلىنغان گۇماندارنىڭ ساقچىغا «مەن ئىمپېرىيە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تونۇشۇشنى خالايتىم» دېگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، گۇماندارنىڭ بىرەر ئىمپېرىيە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ياكى كۆرۈشمىگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر