كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 5  كىشى قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېنى شەھىرىدە بىر رېستورانغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 5  كىشى قازا قىلدى.

1752635
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 5  كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كىۋۇ ئۆلكىسىگە قاراشلىق بېنى شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىنىڭ بىرى بولغان نىيامۋىسى كوچىسىغا جايلاشقان بىر رېستوراندا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، پارتلاشتا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن كىشى يارىلانغان. يارىدارلار شەھەردىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغان.

روژدېستۋو مۇراسىمىدىن كېيىن رېستوراندا ئادەم زىچ بولغان مەزگىلدە، ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر