ھىندىستاندا بىر زاۋۇتتىكى پارتىلاشتا 6 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 6 كىشى يارىلاندى

ھىندىستاننىڭ بىھار ئۆلكىسىدە بىر زاۋۇتنىڭ پار قازانىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 6 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 6 كىشى يارىلاندى.

1752702
ھىندىستاندا بىر زاۋۇتتىكى پارتىلاشتا 6 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 6 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارتىلاش، ئبىھار ئۆلكىسىگە قاراشلىق پاتنا رايونىنىڭ شىمالىغا 95 كىلومىتىر كېلىدىغان سانائەت رايونىدىكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا يۈز بەردى.

پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر ۋە ئۆيلەر يېنىك زىيانغا ئۇچرىدى. ۋەقەدە 6 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 6 كىشى يارىلاندى.

ئىزدەپ، قۇتقۇزۇش ۋە جىددى قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى زاۋۇتتا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

ئالاقىدار مەسئۇللار پارتىلاشنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى ۋە ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى  ھەمبەھىرلىدى.

ھىندىستاندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن دائىم دېگۈدەك ئوت ئاپىتى ۋە پارتىلاشلار يۈز بېرىپ تۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر