گېرمانىيە بۇ يىل قورال ئېكسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

گېرمانىيەنىڭ بۇ يىل قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنى سېتىش نىسبىتىنىڭ 9 مىليارد ياۋرودىن ئاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.

1752706
گېرمانىيە بۇ يىل قورال ئېكسپورت قىلىشتا رېكورت ياراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى سول پارتىيەنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. مىنىستىرلىق بۇ يىل تەخمىنەن 9 مىليارد 40 مىليون ياۋرولۇق قورال ۋە ھەربىي ئۈسكۈنىلەرنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ 2019-يىلى 8 مىليارد 20 مىليون ياۋرو بىلەن رېكورت ياراتقان ئىدى.

گېرمانىيە ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلغان دۆلەتنىڭ مىسىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مىسىرغا 4 مىليارد 340 مىليون ياۋرولۇق قورال ۋە ھەربىي ئۈسكىنە سېتىلدى.

ئانگېلا مېركېل رەھبەرلىكىدىكى سابىق ھۆكۈمەت، ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن سەل ئىلگىرى مىسىرغا ئىككى قېتىم قورال ئېكسپورتىنى تەستىقلىغان ئىدى.

مىسىرنىڭ بۇ قوراللار بىلەن يەمەندىكى پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ياردەم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.  شۇڭلاشقا  مىسىرغا قورال سېتىش گېرمانىيەدە تالاش-تارتىش پەيدا قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر