يەمەندە 243 ھۇسىي ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەر دۆلەتنىڭ مەئرىب ۋىلايىتىدە ئىراننىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، 243 خەلق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

1752508
يەمەندە 243 ھۇسىي ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ يازما باياناتىنى ئابۇنتلىرىغا يوللاپ، بىرلەشمە قىسىملارنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يەمەننىڭ مەئرىب ۋىلايىتىدىكى ھۇسىيلارغا قارشى 42 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 243 ھۇسىي خەلق ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە 20 ھەربىي ئاپتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇسىيلار ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر