ئامېرىكا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كوۋىد – 19 نىڭ ئومىكرون ۋارىيانتى سەۋەبىدىن جەنۇبىي ئافرىقا ۋە رايوندىكى يەتتە دۆلەتكە قارىتا يولغا قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى 31 – دېكابىردىن ئېتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1752505
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى ئومىكرون سەۋەبىدىن 7 ئافرىقا دۆلىتىگە قويغان ساياھەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدىكەن.