رۇسىيە گوگۇلغا ئېغىر جەرىمانە قويدى
رۇسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى مەركىزى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا جايلاشقان تېخنىكا شىركىتى — گۇگۇلغا مەمۇرىي تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 99 مىليون دوللار (7 مىليارد 200 مىليون رۇبلى) جەرىمانە قويدى.
1752403
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋادىكى تاگانسكىي سوت مەھكىمىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئاممىۋى ئاخبارات نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ گۇگۇل ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزىگە قاراپ چىقىپ، گوگۇلنىڭ رۇسىيەدە چەكلەنگەن مەزمۇنلارنى ئۆچۈرمەسلىك ئارقىلىق «قانۇنغا سىستېمىلىق رىئايە قىلمىغانلىقى»غا ھۆكۈم قىلدى ھەمدە گۇگۇلغا 7 مىليارد 221 مىليون رۇبلى جەرىمانە قويدى.