يۈزلەرچە بىرمالىق تايلاندقا قېچىشقا مەجبۇر بولدى

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى بىر يېزىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى بىلەن، يۈزلەرچە كىشىنىڭ تايلاندقا قاچقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1752275
يۈزلەرچە بىرمالىق تايلاندقا قېچىشقا مەجبۇر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما ئارمىيەسى بىلەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئېتنىك قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

بىرما ئارمىيە كۈچلىرى كارەن مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى لاي كاي كاۋ يېزىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

يەرلىك مەسئۇللار ۋە رايون ئاھالىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپلىق زەمبىرەكلەر بىلەن توپقا تۇتۇشى ۋە ھاۋا بومباردىمانى سەۋەبىدىن يۈزلەرچە بىرمالىق دەريادىن ئۆتۈپ تايلاندقا قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆتكەن ھەپتىمۇ 2 مىڭ 500 يېزا خەلقى تايلاندنىڭ مائې سوت رايونىغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

رايوندا شىددەتلىك توقۇنۇشلار كۈنسېرى زورىيىۋاتقان بولۇپ، قورال، بومبا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئاۋازىنىڭ تايلاندقا ئاڭلىنىۋاتقانلىقى، پارتلاشلارنىڭ تەسىرىدە ئۆيلەرنىڭ سىلكىنىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كارەن مىللىي ئىتتىپاقى ئۆتكەنكى كۈنلەردە، ب د ت دىن بىرما ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن كايىن ئىشتاتىنى ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بىرمادا ئارمىيە 2021-يىلى فېۋرالدا مەۋجۇت ھۆكۈمەتنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن بۇيان ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلار بىلەن ئارمىيە كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.

كارەن مىللىي ئىتتىپاقى قوراللىقلىرى 1.6 مىليون كىشى ياشايدىغان شەرقتىكى تاغلىق رايونى ئۈچۈن ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان قوراللىق ئېتنىك گۇرۇپپىلاردىن بىرى سۈپىتىدە بىلىنىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر