ئامېرىكا ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى جىددىيچىلىكتە رۇسىيەنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە چېگراسىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ بىردىنبىر مەنبەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى ۋە باياناتلىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
1752040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى پساكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپ توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە ناتو دۆلەتلىرىگە سۇنغان بىخەتەرلىك تەكلىپلىرى توغرىسىدا: «دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. رۇسىيە ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنىڭ بەزىلىرىگە قوشۇلىمىز، ئەمما بەزىلىرىگە ھەرگىز قوشۇلمايمىز» دېدى.
ئۇ پۇتىننىڭ ئامېرىكا ۋە شېرىكلىرىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا جىددىيچىلىكنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى كەسكىن رەت قىلىپ: «بۇ ئىنتايىن كۈلكىلىك. بىز رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا چېگراسىدا كۆرگەن بىردىنبىر ئۇرۇشقاقلىق، رۇسىيەنىڭ رايونغا ئەسكەر توپلىشى ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرۇشقاق ھۇجۇم خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلىرىدۇر» دېدى.