ستولتېنبېرگ ناتونىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ئەسكەر توپلاش بىلەن يىرىكلەشكەن ناتو-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە، سىياسىي دىيالوگ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىدىن بېشارەت بەردى، ئەمما ئاساسىي پىرىنسىپلاردىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

1752246
ستولتېنبېرگ ناتونىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ئەسكەر توپلاش بىلەن يىرىكلەشكەن ناتو-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە، سىياسىي دىيالوگ تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقلىرىدىن بېشارەت بېرىپ: «رۇسىيە بىلەن سىياسىي دىيالوگقا ھەئە، ئەمما ئاساسىي پىرىنسىپلىرىمىزدىن يول قويۇشقا ياق» دېدى.

ئۇ روژدېستۋا بايرىمى ۋە يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، ئىتتىپاقلىق ۋە باراۋەرلىكنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا رۇسىيە توغرىسىدا بايانات بەردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا كەڭ كۆلەمدە ئەسكەر توپلىغانلىقىنى، يېڭى يىلنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھوشىيار بولۇش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۆتمۈشتە ناھايىتى ئۇرۇشقاق پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈن ناتو ئەزالىرىغا بىۋاستە تەھدىت سالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى سىياسىتىنىڭ ئوخشىماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ شۇنداق بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى، ئەمما ناتونىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىدىن يول قويۇشنىڭ قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر