شەنتوپ مەھمەت فاتىھ مەدرىسەسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قاراتاغ زىيارىتى دائىرىسىدە تۇزى شەھىرىدىكى مەھمەت فاتىھ مەدرىسەسىنى زىيارەت قىلدى.

1752019
شەنتوپ مەھمەت فاتىھ مەدرىسەسىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قاراتاغ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى رىفات فەيزىچ، تۈركىيەنىڭ پودگورىستادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سونگۇل ئوزان ۋە باشقا مەسئۇل خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇزى شەھىرىدىكى مەھمەت فاتىھ مەدرىسەسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ ئالدى بىلەن، مەھمەت فاتىھ مەدرىسەسىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى.

ئۇ قاراتاغنىڭ كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ، تۈركىيەدە بوشناق ۋە ئالبان قاتارلىق ئوخشىمىغان مىللەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى؛ ئۇلارنىڭ تۈركىيەدە قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ بىر سىگنالىمىز بار. پۈتكۈل دۇنيادا كىشىلەر تىنچلىق ئىچىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادلىرىغا ئاساسەن ياشىيالايدىغان مۇھىت يارىتىش. ئوسمانلى دۆلىتى يۈز يىللارچە بالقان جۇغراپىيەسىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، بۇ يەرلەرنى باشقۇرغان ۋاقىتتا، بۇ جايلاردا ياشايدىغان ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ۋە جەمئىيەتلىرىنى، دىنلىرىنى قوغدىغان، ئىبادەتخانىلىرى يۈز يىللار بويىچە ساقلىنىپ قالغان. ئوسمانلى دۆلىتى ئۇ چاغلاردا دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى بولۇپ، ياخشى جارى قىلدۇرغان ۋە ھازىرمۇ دۇنيا ئۈلگە ئالىدىغان ئىدارە-ئورگانلىرى، شۇنداقلا مائارىپ ئورگانلىرى بولغان دۆلەت ئىدى.»

ئۇ تۇزى شەھىرىدە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئىدارىسى-تىكا (TİKA)  تەرىپىدىن رېمونت قىلىنغان تۇزى نىزام جامەسىنى زىيارەت قىلىپ، قاراتاغ ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى رىفات فەيزىچتىن مەلۇمات ئالدى.

مۇستافا شەنتوپ رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولغان پودگورىستادا گورىجا پارتىزان ھەيكىلىگە، ناتسىستلار مەزگىلىدىكى قۇربانلارنى خاتىرىلەپ گۈلچەمبىرەك قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر