بلېنكىن ستولتېنبېرگ ۋە ترۇس بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىشلار ئەنگلىيە مىنىستىرى ئېلىزابېت ترۇس ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تەھدىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1752083
بلېنكىن ستولتېنبېرگ ۋە ترۇس بىلەن ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس سۆھبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك يازما باياناتىدا، بىللىنكېن بىلەن ستولتېنبېرگنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئورتاق ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ناتونىڭ رۇسىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئىتتپاقداشلىرىنى قوغداش ۋە مۇداپىئە قىلىش ئىرادىسى قەتئىي بولغان ناتونىڭ، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيەنىڭ بىلەن ئۈنۈملۈك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بىللىنكېن بىلەن ترۇسنىڭمۇ «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا بارغانسىېرى ئېشىۋاتقان ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسىگە كۈچلۈك ۋە ئورتاق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئورتاق مۇھىم نۇقتىلار» توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن پرايس، تەرەپلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغۇسى بىر ھۇجۇمىنىڭ بەدىلىنى تۆلەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش ۋە شىرىك دۆلەتلەر ئارا ماس قەدەملىك قوللاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر