مۇستاپا شەنتوپ قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتساغا يېتىپ باردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ ھەمراقلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى بىلەن بىرگە قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتساغا يېتىپ باردى.

1751446
مۇستاپا شەنتوپ قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتساغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ ھەمراقلىقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى بىلەن بىرگە شىمالىي ماكېدونىيە، سېربىيە ۋە قاراتاغنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان رەسمىي خىزمەت زىيارىتىنىڭ ئۈچىنچى بېكىتى سۈپىتىدە قاراتاغنىڭ پايتەختى پودگورىتساغا يېتىپ باردى.

مۇستاپا شەنتوپنى پودگورىتسا ئايرودرومىدا قاراتاغ پارلامېنتى رەئىسى ئالېكسا بېچىچ، تۈركىيەنىڭ پودگورىتسادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇنگۇل ئوزان، قاراتاغ ئىسلام بىرلىكى رەئىسى رىفات فەيزىچ ۋە ئالاقىدار مەسئۇللار قارشى ئالدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) رەئىسى مۇستاپا شەنتوپ قاراتاغ پارلامېنتى رەئىسى بېچىچ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.

بۇ دائىرىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) بىلەن قاراتاغ پارلامېنتى ئوتتۇرىسىدا پارلامېنتلار ئارا ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى ئىمزالىنىدۇ.

مۇستاپا شەنتوپنىڭ ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، قاراتاغ پىرېزىدېنتى مىلو جۇكانوۋىچ ۋە باش مىنىستىرى زىدراۋكو كرىۋوكاپىچ ​​بىلەنمۇ كۆرۈشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر