مېكسىكادىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى

مېكسىكانىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا 6 بال يەر تەۋرىدى.

1751489
مېكسىكادىكى يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لا كرۇز دې لورېتو شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 225 كىلومىتىر يېراقلىقتا 6 بال يەر تەۋرىگەن.

يەر يۈزىدىن 10 كىلومىتىر تۆۋەندە يۈز بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنغان يەر تەۋرەشتە ئادەم ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈككە زىيان يېتىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر